ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
يىتەلمىدىم ئاتامغا
داۋان ئاشتىم مەنزىلىمدە يىتەلمىدىم ئاتامغا
خامان ئېلىپ چەيلەشتە يىتەلمىدىم ئاتامغا
مالامەتلەر كەلكۈنى ئىزەر گۈلدەك دىلىمنى
دۇنيا تېپىپ خەجلەشتە يىتەلمىدىم ئاتامغا
چاچ ئاقاردى ئەگەشتىم مەن ئۇنىڭ قىران يېشىغا
شانۇ-شەۋكەت سەۋلەتتە يىتەلمىدىم ئاتامغا
توققوز بالا غونچىدەك سۇ ئىچەتتى مىھرىدىن
ئىپتىخاردا ھۆرمەتتە يىتەلمىدىم ئاتامغا
غۇربەتچىلىك غەملىرى ئىگەلمىگەن قەددىنى
بەستى چىنار ھەيۋەتتە يىتەلمىدىم ئاتامغا
ئىزلىرىنى ئىزدەيمەن توپا ئۇچقان يوللاردىن
ئەجىر ئەمگەك مېھنەتتە يىتەلمىدىم ئاتامغا
Негізгі бет Abdulla Abdurehim - Yitelmidim Atamgha | ئابدۇللا ئابدۇرېھىم - يىتەلمىدىم ئاتامغا
Пікірлер: 11