ئەمەلىيەتتە قەبردىكى سوئال - سوراق، قەبر ئازابى ۋە قەبر ھۇزۇرى قاتارلىق بەرزەخ ئالەمىدىكى ئىشلارغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ دەلىللىرى قۇرئان، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر، ساھابە كىرام ۋە سەلەف - سالىھلارنىڭ ئىجمائسى ۋە ئەقىل جەھەتتىن ئۇنىڭغا جەزم قىلىشقا يېتەرلىك(4).
مەسىلەن، ئاللاھ تائالا پىرئەۋن جەمەتى ھەققىدە: ﴿ئۇلار ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئوتقا سۇنىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «پىرئەۋن جەمەتىنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرگۈزۈڭلار!» (دېيىلىدۇ)﴾(غافىر: 46) دېگەن.
بۇ ئايەتتە قەبر ئازابىغا ئۈچ تەرەپتىن دەلىل بار بولۇپ:
بىرىنچىسى، بۇ ئايەت قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ئازاب بارلىقىنى، بۇ ئازابنىڭ قەبرلەردىن تىرىلىپ قوپۇشتىن بۇرۇن بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتە ئېنىق دەلىلدۇر.
ئىككىنچىسى، ئاخىرەتتىكى ئازاب بوشاپ قالمايدىغان، توختاۋسىز، مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي بولاتتى. مەزكۇر ئايەتتە ئىسپاتلانغان ئازاب دائىم بولماستىن، ئەتىگىنى - ئاخشىمى بولىدۇ. ئۇ ئاخىرەتتىكى ئازاب بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەبر ئازابى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر ئايەت (ئاللىبۇرۇن) ئۆلگەنلەر ھەققىدە كەلگەن.
ئۈچىنچىسى، مەزكۇر ئايەت ئىككى ئازابنى ئايرىغان ۋە قىيامەتتىكى ئازابنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى دەپ سۈپەتلىگەن. دوزاخقا ئەتىگىنى - ئاخشىمى سۇنۇلۇش بولسا ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى ئەمەس. شۇڭا، ئۇ قىيامەتتىكى ئازاب بولمايدۇ. بەلكى، ئۇنىڭ قەبر ئازابى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ
سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئىلخەتكە ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:
ئېلخەت: saciyeder@gmail.com
ۋاتسئاپ:
00905456820194
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
chat.whatsapp....
تېلېگرام قانىلى:
t.me/EastTurki...
جاۋابلار ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى sajiya.biz/ دە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھ. 1445 / م. 2024
ھ.1443 / م.2022 رامازاندا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب
sajiya.biz/?p=...
#islam #uyghur #Eastturkistan #AbdulazizRahmetullah #fetva #sajiye #Abbasabiddin #muhammed #ئۇيغۇرچە #پەتىۋا #ئىسلام# #ئىسلام #halal #keşfet #muslim
Негізгі бет قەبر ئازابىنىڭ دەلىللىرى
Пікірлер: 1