Uyghur Village meshrep - performed by Ehmet Tunyaz (died in 2015), Zulqey Semet, Memet Salam, Ahniyaz etc from the Talliqbulung village, Toyboldi Bazaar, Shayar County. Recorded by Aziz Isa Elkun in June 2006.
شاھيار ناھىيە تويبولدى يېزا تاللقبۇلۇڭ كەنتىدە ئورۇنلانشتۇرۇلغان مەشرەپ. 2006- يىل، ئىيۇن.
----------------
* بۇ سازەندەىلەر بىزنىڭ مەھەللىدىكى دېھقان ئەل-نەغمىچىلەر ئىدى. كۆپىنچىسى مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك. 2015-يىلى بۇلارنىڭ ئارسىدىن داپچى ئەھمەد تۇنيازنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ھازىر قالغانلىرى ھاياتمۇ بىلمەيمەن. ئەمما 4 يىل بۇرۇن بۇ نەغمىچىلەرنىڭ خىتاينىڭ قىزىل ناخشىسىنى ئېيىپ، مۇزىكا چالغان بىر سىن كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ، نەچچە كۈنلەر پەرىشان بولغان ئىدىم. ئۇيغۇرنىڭ ئەل ئىچىدىكى ئۆلمەس مەدەنىيەت -سەنئەت مىراسلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلار دەل مۇشۇ تەۋەرۈك قېرىداشلىرىمىز ئىدى. ئۇلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى تىلەيمەن.
بۇ سىن فىلىم 2006-يىلى يازدا شايار ناھىيىسىنىڭ تويبولدى يېزىسى تاللقبۇلۇڭ كەنتىدىكى تاغامنىڭ ھويلىسىدا بىزنىڭ شەرپىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەشرەپ ئىدى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، 2023-يىلى 10-يانۋار
Негізгі бет Uyghur Village Meshrep
Пікірлер: 14