بۇرانا مۇنارى
كەمىنە ئەلكۈن بۈگۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان تارىخىي ئىزلىرىنى بويلاپ مېڭىپ ئۇيغۇر ـ تۈركى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان بالاساغۇن شەھەر خارابىلىرىنى، ۋە خارابىلىقلاردا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بۇرانا مۇنارىنى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇيغۇر قاراخنىيلار دۆلىتى ئۇيغۇر ـ تۈركى تارىخىنىڭ شانلىق سەھىپىسىدىن بىرى بولغان، مىلادى 999 ـ يىلى قۇرۇلۇپ 1211 ـ يىلى قارا قىتاي ۋە كېيىن مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن بۇرۇن پۈتكۈل مەركىزى ئاسىيا تۈركى ئەللىرىدە ھاكىمىيەت يۇرگۈزگەن سەلتەنەتلىك بىر دۆلەتتۇر. تارىختا بالاساغۇن، ئۈگەن، سەمەرقەند قاتارلىق شەھەرلەر ئۇيغۇر قاراخنىيلار دۆلىتىنىڭ يازلىق پايتەختلىرى بولغان بولسا، ھازىرقى قەشقەر شەھرى قاراخنىيلار دۆلىتىنىڭ قىشلىق ۋە دائىملىق پايتەختى بولغان ئىدى. تارىختىكى بالاساغۇن شەھرى ھازىرقى قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى ئىسسىق كۆل بويلىرىنىڭ غەرىبىگە، توقماق شەھرىنىڭ جەنۇبىدىن 25 ك.م يىراقلىقتىكى يەرگە جايلاشقان. بالاساغۇن شەھەر تارىخىي مەنبەلەردە يەنە قاراخنىيلار دۆلىتىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان بالاساغۇن شەھرىدە مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، دۆلەت ئەربابى، ئالەمشۇمۇل كىتاپ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ توغۇلغان ماكانى دەپ قارىلىپ كەلگەن. تارىخىي شەھەر بالاساغۇندىكى ئۇشبۇ بۇرانا مۇنارى 24 مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ، 1950 ـ يىللىرى سوۋېت ھۆكۈمىتى مۇنارنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئاساس قىلىپ قايتىدىن بېزىگەن. مەزكۈر بۇرانا مۇنارىنىڭ ئەتىراپىغا قىرغىز ھۆكۈمىتى بىر قانچە مۇزېي سالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئالىمى يۇسۇپ خاس ھاجىپ «قىرغىز مىللىتى» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. يەنە 11 ـ ئەسر ئۇيغۇر قاراخنىيلار دۆلىتىگە ئائىت «بالباس» قاتارلىق تارىخىي ئاسارە ـ ئەتىقە بويۇملىرى قويۇلغان.
ئەلكۈن خاتىرىسىدىن.
2016 ـ يىلى 14 ـ ئاۋغۇست، بالاساغۇن.
Burana castle
Today we have visited the Burana Tower in Balasagun (it located in north west of Issyk-kul, in nowadays Kygyzstan). Burana Tower is the relics of Balasagun city which was 11th century Karakhanid Khanate's summer capital and the winter capital city was Kashgar (Eastern Turkistan - Uyghuristan). Uyghur - Turkic Karakhanid Khanate was established in 999 and dissolved in 1211 after Kara khitay and later Genghis Khan Mongul invasion. It also believed the 11th century's famous Uyghur academic, statesman of Karakhanid Khanate and the author of "Kutadghu Bilik" (The Wisdom which brings Happiness) - Yusup Has Hajip was born here in Balasagun.
Face book live:
/ 10209061804413516
Elkun KZitem qanili: • Burana qel'esi
Elkun tori: www.azizisa.org
Негізгі бет Burana qel'esi
Пікірлер